Е.в. император всероссийский соглашается на восстановление власти китайского правительства в Илийском крае, временно занятом русскими войсками с 1871 года. Западная часть этого края, в пределах, обозначенных в VII статье настоящего договора, остается во владении России.

среда, 13 июня 2007 г.

قېرىنداش زارى



بېغىمدىكى قىزىل گۈلنى،

توزماس چېغى دەپتىمەن.

كەچتە يانغان يۇلتۇزۇمنى،

كۆچمەس چېغى دەپتىمەن.



جۈرەكتىكى گۈلخان-ئوتنى،

ئۆچمەس چېغى دەپتىمەن.

ھەجەپ بۈيۈك تاغ-چوققامنى،

چۆكمەس چېغى دەپتىمەن.



خۇدا بەرگەن بۇ ئۆمۈرنى،

خاتىرجەملىك دەپتىمەن.

قېرىنداشلار تەل-تۆكۈزغۇ،

مەڭگۈ بىرگە دەپتىمەن.



“ئاغرىپ قالدى”-خەۋەر كەلسە،

ساقىيىدۇ دەپتىمەن.

ۋەھشى ھايۋان ئۆلتۈرۈپتۇ،

ئاڭ-تاڭ بولۇپ قاپتىمەن...



“ئاپا!” دەپمۇ ۋاقىرىغانسەن

ئاناڭ ئۇنى بىلمىدى.

“ھەدە!” دەپمۇ چېقىرغانسەن،

ھەدەڭ ئۇنى ئۇقمىدى.



“ئاكا!” دەپمۇ ياشىغانسەن،

ئاكاڭ ئۇنى سەزمىدى.

“بالام!” دەپمۇ تەلپۈڭەنسەن،

بالىلىرىڭ كۆرمىدى.



شۇم قاتىللار پەرزەنتلەرنى

ئايىمىدى شۇ ۋاقتا

ئاھ، پەرزەنتلەر كۆزىن جۇمۇپ،

ئورالدى بېۋاق ئاققا...



ساڭا قەستلىك قىلغان دۈشمەن

دېڭىزغا چۆكۈپ ئۆلسۇن.

سۇسىز قالغان بېلىق ئوخشاش

بېشىدىن چىرىپ ئۆلسۇن.



قارغايمەن مەن كېچە-كۈندۈز،

قارغىشىم تېگەر بىر كۈن.

ئاھىم-زارىم بېكار كەتمەس،

خۇدايىم سورار بىر كۈن.



بېغىمدىكى قىزىل گۈللەر -

سەن، ئۇكامنىڭ قوش كۆزى.

يامغۇرنىڭ شۇ تامچىلىرى -

سەن، ئۇكامنىڭ كۆز يېشى.



رازى بولغىن، قېرىنداشىم،

مەن ساڭا قارالمىدىم.

دىلىڭدىكى سۆزلىرىڭنىڭ

مەناسىنى ئۇقالمىدىم.



“ياسىن” ئوقۇپ ئاھ، بېشىڭدا

ئولتارسام بولماسمېدى.

ئۆز قولۇمدا ئۇسلۇق بېرىپ،

يۆلىسەم بولماسمېدى.



ئۆزەڭ بەكمۇ ئېغىر-بېسىق،

جۇگاچ ئېدىڭ، جان ئۇكام.

زىلۋا بويلۇق، قەلەم قاشلىق،

سۇمباتلىغىم، جان ئۇكام



يامانلىقنى كۆرمىگەندىم،

سېنىڭ سىلىق سۆزۈڭدىن.

گۈل نۇربۈۋى-نۇر ياغاتتى

سېنىڭ شەھلا كۆزۈڭدىن.



يالغۇز ئېدىڭ، قېرىندىشىم،

ئىچ-سىرىمنى ئېيتقىلى.

ئاجىز ئېدىڭ، قېرىندىشىم

مۇڭ-زارىمنى تۆككىلى.



بۇ دۇنىياغا ئەتىگەنلا،

كېلىپ كېتەي دېدىڭمۇ؟

بالىلارنى “خار” قىلماستىن،

ئېلىپ كېتەي دېدىڭمۇ؟



قېرىغاندا ئانىمىزنىئىڭ،

دەردى يوققۇ دېدىڭمۇ؟

يالغۇز قالغان مەن ھەدەڭنى،

كۆڭلى توققۇ دېدىڭمۇ؟



ئامالىم يوق، قېرىندىشىم،

ئەندى سېنى كۆرمەيمەن.

“چوڭ ئاپا!” دەپ جۈگرەپ كەلگەن

بالىلارنى كۆرمەيمەن



“كەتكەنلەر”غۇ كېلەر ئېكەن،

“كەتمەنلىگەن”- كەلمەسكەن.

غېمى يوقلار، كۆڭلى توقلار،

قەدرىڭگە ھېچ يەتمەسكەن.



بۇ دۇنىيادا كۆرمىگەننى،

ئۇ دۇنىيادا كۆرگەنسەن.

بېيىشلارنى ماكان تۇتۇپ،

نۇر باغلاردا جۈرگەنسەن.



قېرىندىشىم، سېنى دەيمەن،

سېنى دەيمەن، جىغلايمەن.

ئويلىرىمدا ھەر دەقىقە

سېنى دايىم يوقلايمەن!

Комментариев нет:

Xerite korush